ئىسلام دۆلەتلىرى ئاراكان ئۈچۈن بىرلىكىتە كۈرەش قىلىشى لازىم

ئەردوغان قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدە سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، ئاراكاندىكى قەتلىئاملار ۋە قۇددۇسنىڭ مۇقەددەسلىكىگە قىلىنىۋاتقان ھۆرمەتسىزلىكلەر ئۈستىدە توختالدى.

804197
ئىسلام دۆلەتلىرى ئاراكان ئۈچۈن بىرلىكىتە كۈرەش قىلىشى لازىم

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئاراكان ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئەردوغان قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى پەن - تېخنىكا ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى.

ئەردوغان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن قەتلىئاملار ئۈستىدە توختىلىپ، «رايوندا يۈز بەرگەن ئىنسانىيەتكە زىت تىرادېگىيەنى توسۇپ قىلىش ئۈچۈن بىرما ۋە باڭلادېش ھۆكۈمەتلىرى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى خالايمايمىز» دېدى.

ئەردوغان نۇتۇقىدا، «بېسىم ۋە قەتلىئاملاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن پاناھلىق تېلىگەن مۇسۇلمانلارغا كېرەكلىك ئاسانلىقلارنىڭ يارىتىلىپ بېرىلىشى ھەققىدىكى ئارزۇيۇمىز بىلەن ياردەم تەكلىپىمىزنى باڭلادېش دائىرىلىرىگە يەتكۈزدۇق. خەلقئارالىق ھەر قايسى ئورگانلار، بولۇپمۇ ئىسلام دۆلەتلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزلەر قولىمىزدىن كېلىدىغان پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرىمىز ئارقىلىق بۇ زۇلۇمنىڭ ئاخىرىلىشىشى ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىشىمىز لازىم» دېگەن سۆزلەرگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجراتتى.

ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇس ۋە ھەرەم شەرىپنىڭ مۇقەددەسلىكىنى دەپسەندە قىلغانلىقى ھەققىدىمۇ توختالغان ئەردوغان، «تۈنجى قىبلىمىز بولغان قۇددۇس ۋە ھەرەم شەرىپنىڭ مۇقەددەسلىكىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغىمۇ قەتئىي يول قويمايمىز. مەسجىدى ئەقساغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىكلەرنى، كۈشكۈرتۈشلەرنى ۋە ئىغۋاگەرچىلىكلەرنى توسۇپ قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ قەتئىي ئىرادىلىك پوزىتسىيەيىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز لازىم» دېدى.

ئەردوغان ئاستانادىكى ئۆز ئارا ئۇچرىشىشلىرىدا يەنە، ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ۋە ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غەنى بىلەن ئايرىم – ئايرىم كۆرۈشتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر