ئەمىنە ئەردوغان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى يوقلاش ئۈچۈن باڭلادىشقا يېتىپ باردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان ۋە ھەمرالىقىدىكى تۈركىيە ھەيئىتى، ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار پاناھلىنىۋاتقان لاگېرلارنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن باڭلادىشقا يېتىپ باردى.

802681
ئەمىنە ئەردوغان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى يوقلاش ئۈچۈن باڭلادىشقا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەمىنە ئەردوغان، تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى بىرمانىڭ شىمالىي راخاين ئۆلكىسىدىكى ئىنسانىي تىراگېدىيەگە جەلپ قىلىش ۋە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر نەتىجىسىدە باڭلادىشقا قېچىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا ياردەم قىلىش جەھەتتە تۈركىيەنىڭ قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن، ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدىن قوزغالغان بىر ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ يولغا چىقىپ، باڭلادىشقا يېتىپ باردى.

ئەمىنە ئەردوغانغا ئوغلى بىلال ئەردوغاندىن باشقا ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي سىياسەتلەر مىنىستىرى فاتما بەتۈل سايان قايا بىلەن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى ۋە ئىستانبۇل پارلامېنت ئەزاسى رەۋزە قاۋاقجى كان، تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى باشلىقى سەردار چام، باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى بىر تەرەپ قىلىش باشقارمىسى باشلىقى مەھمەت گۈللۈئوغلۇ، قىزىل ئاي جەمئىي باشلىقى ئىبراھىم ئالتان، تۈركىيە ياشلار ۋە مائارىپقا خىزمەت قىلىش ۋەقپى باشلىقى ئارزۇ ئاكالىن ۋە ئاياللار ۋە دېموكراتىيە جەمئىيىتى باشلىقى سارە ئايدىن قاتارلىقلارمۇ ھەمراھ بولدى.

باڭلادىشتىكى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار تۇرۇۋاتقان لاگېرلارنى زىيارەت قىلىدىغان ئەمىنە ئەردوغان ۋە ھەمرالىقىدىكى ھەيئەت، يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا ئاراكانلىق مۇسۇلمانلاردىن بىۋاسىتە ئۇچۇر ئىگىلەيدۇ ۋە تۈركىيەنىڭ شەكىللەندۈرىدىغان ئىنسانىي ياردەم كۆۋرۈكىنىڭ دەسلەپكى تەييارلىقلىرىنى تاماملايدۇ.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇمۇ، بىرمانىڭ ئاراكان (راخاين) ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدا مەيدانغا كەلگەن ۋەقەلەر يۈزىسىدىن باڭلادىشقا قېچىشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار (روھىڭيالىقلار) نىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى بىۋاسىتە كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن باڭلادىشقا يېتىپ كەلدى. ئۇ زىيارىتى دائىرىسىدە پايتەخت داككادا باڭلادىشلىق ئەمەلدارلار ۋە خەلقئارا خەير – ساخاۋەت ئورگانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.

بىرما چېگراسىدىكى كوكسىس بازار شەھىرىگە بېرىپ، مۇساپىرلار تۇرۇۋاتقان لاگېرلارنى زىيارەت قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر