چاۋۇشئوغلۇ ئاراكان سەپىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلار يولۇققان پاجىئەلەرگە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

802162
چاۋۇشئوغلۇ ئاراكان سەپىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجان پايتەختى باكۇدا تۈركىيە-ئەزەربەيجان-گىرۇزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بۈگۈن (6-سېنتەبىر) ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن باڭلادېشقا بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «ئاراكان مەسىلىسىگە ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەل قىلىش چارىسى تېپىشىمىز لازىم، چۈنكى بۇ خىل ۋەقەلەر بۇرۇنمۇ يۈز بەرگەن» دېدى.

ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئاراكان مەسىلىسىگە دىققىتىنى قارىتىشى لازىملىقىنى، بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن پەقەت ئىسلام دۇنياسىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل دۇنيانىڭ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئاراكاندا ئىنسانىيەت پاجىئەسى يۈز بېرىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا بەزى دۆلەتلەر كۆڭۈل بۆلدى. ئاراكاندىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە ياردەملىرىمىزنى يەتكۈزىمىز. ئاراكاندا ئېھتياجنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە نېمە قىلالايدىغانلىقىمىزنى بىرلىكتە قارار قىلىمىز، ئۇ كىشىلەرنى يالغۇز تاشلاپ قويمايمىز، ئاراكانلىقلار ياشاۋاتقان جايلاردىكى ئەھۋال ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ، كىشىلەر خۇددىي ئۈستى ئوچۇق تۈرمىدە، لاي-پاتقاقلىقلار ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ، بۇ زاماندا كىشىلەرنىڭ بۇ خىل شارائىتلاردا ياشىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر