ئەردوغان ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاراكاندىكى ۋەقەلەرنىڭ ئىنسانىيەتكە خىلاپ ئېغىر كىرىزىسكە ئايلىنىپ كېتىشىگە بولغان ئەندىشىلەرگە ۋە غەزەپلىنىشلەرگە يول ئېچىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

801330
ئەردوغان ئاراكان مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاراكاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار ھەققىدە بىرما رەھبىرى ئۇڭ سان سۇ چى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

سۆھبەتتە ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىدىكى ئۆرلەشنىڭ ئىسلام دۆلەتلىرى قاتارلىق پۈتۈن دۇنيانى ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان بىلەن ئۇڭ سان سۇ چى مەسىلە ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر بىلدۈرۈشكەندىن كېيىن، مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى ۋە رايون خەلقىگە ئىنسانپەرۋرەلىك ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرەلەشتى. 

تۈركىيەنىڭ تېررورلۇقنىمۇ ۋە بىگۇناھ پۇقرالارنى نىشان قىلغان ھەرىكەتلەرنىمۇ ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، ۋەقەنىڭ ئىنسانىيەتكە خىلاپ ئېغىر كىرىزىسكە ئايلىنىپ كېتىشىگە بولغان ئەندىشىلەرگە ۋە غەزەپلىنىشلەرگە يول ئېچىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ مەسلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىقلارنى قوللايدىغانلىقىنى، بۇ جەرياندا تەڭپۇڭسىز كۈچ ئىشلىتىشتىن ئۇزاق تۇرۇش كېرەكلىكىنى ۋە پۇقرالارنىڭ زىيانغا ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن قاتتىق سەزگۈرلۈك بىلەن ئىش تۇتۇش لازىملىقىنى جېكىلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر