ئەردوغان ئابباس بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ مەسجىدى ئەقسادىكى جىددىيچىلىككە بولغان پوزىتسىيەسىنى باشتىن تارتىپ پۇرسەتلا تاپسا ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

798376
ئەردوغان ئابباس بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس بىلەن كۆرۈشكەن ئەردوغان، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال قىلىش ھەرىكەتلىرىگە خاتىمە بېرىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسى پەقەت پەلەستىن ئۈچۈنلا ئەمەس، ئىسرائىلىيە ئۈچۈنمۇ پايدىلىقتۇر» دېدى.

ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشىغا مىللىي ئىستىخبارات تەشكىلاتى باشلىقى خاقان فىدان بىلەن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋە باياناتچىسى ئىبراھىم قالىنمۇ ئىشتىراك قىلدى. ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس، تۈركىيەنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش يولىدا نامايان قىلغان روشەن ۋە مۇستەھكەم پوزىتسىيەسى ئۈچۈن، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى.

ئۇ، پەلەستىن خەلقىنىڭ غەززەدە بىر دۆلەت قۇرۇلۇشىنى قەتئىي قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر