ئەردوغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون تېلېفوندا كۆرۈشتى.
797745
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ماكروننىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيە ، ئىراق ۋە پارس قولتۇقى رايونىدىكى ئەھۋاللاردىن باشقا، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.
ئېلېيسى سارىيى مەزكۇر تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا بايانات بېرىپ، ئىككى رەھبەرنىڭ، سېنتەبىر ئېيىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نىيۇ يورك شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان ب د ت يىغىنىنىڭ سۈرىيەگە ئالاقىدار بۆلۈمى ئۈچۈن ئىككى دۆلەتنىڭ مەخسۇس ئالاقە گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىقىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى.