S-400 لەرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كېلىشىم تۈزۈلگەن

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم رۇسىيە بىلەن S-400 باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە قالقان سىستېمىسى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كېلىشىم تۈزۈلگەنلىكىنى، بىراق بۇ ھەقتىكى ئەڭ ئاخىرقى قارارنى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

796868
S-400 لەرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كېلىشىم تۈزۈلگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم سىنگاپور ۋە ۋىيېتنام زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، قايتىش سەپىرىدە، ئايروپىلاندا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ بىر مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە: «رۇسىيە بىلەن S-400 باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە قالقان سىستېمىسى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كېلىشىم تۈزۈلدى، بىراق بۇ ھەقتىكى ئەڭ ئاخىرقى قارارنى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى ئىجرائىيە كومىتېتى چىقىرىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر