ئۆمەر چەلىك: تۈركىيە دائېشنى ياۋروپا چېگرالىرىدىن يولۇپ تاشلىدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىك «ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش تۈركىيەگە نىسبەتەن بىر دۆلەت ئىستراتېگىيەسىدۇر» دېدى.

795148
ئۆمەر چەلىك: تۈركىيە دائېشنى ياۋروپا چېگرالىرىدىن يولۇپ تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىك تۈركىيەنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنى ياۋروپا چېگرالىرىدىن يولۇپ تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۆمەر چەلىك ئادانادا جەيھان سودا ئۇيۇشمىسىنى زىيارەت قىلىش ئەسناسىدا تۈركىيەنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپلەردىن بىرسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. تۈركىيەنىڭ ھېچقانداق ئىتتىپاقدىشى بىلەن سەلىبىي مۇناسىۋەتتە بولۇش ئارزۇسى يوقلۇقىنى تەكىتلىدى ۋە ئۆتكەنكى مەزگىللەردە بەزى ئىتتىپاقداشلارنىڭ تېررورلۇق مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەملىك مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئوخشاش بولمىغان ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى پائالىيەتلىرىنى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئۆمەر چەلىك، بولۇپمۇ گېرمانىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەردە ئالاھىدە تەشكىلىي قۇرۇلمىلىرىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۆمەر چەلىك تۈركىيەنىڭ ئۆز دالەت مەنپەئەتى نۇقتىسىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنى خالىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇش تۈركىيەگە نىسبەتەن بىر دۆلەت ئىستراتېگىيەسىدۇر. بىراق بۇ يەردە بىتەرەپ ھەققىقەتنى ئاساس قىلغان مۇناسىۋەت بولۇشى لازىم. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ باشقا دۆلەتكە ئايرىم ئۆلچەم ئىشلىتىپ، تۈركىيەگە يەنە باشقىچە ئۆلچەم ئىشلىتىشكە ئوخشاش پوزىتسىيەسىنى قەتئىي قوبۇل قىلالمايمىز. تۈركىيە ياۋروپاغا مېھمان ئەمەس» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر