بىنالى يىلدىرىم ۋىيېتنامنى زىيارەت قىلدى

دۆلىتىمىز باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم ۋىيېتنام باش مىنىستىرى نگۇيېن شۈەن فا تەرىپىدىن مۇراسىم بىلەن قىزغىن كۈتۈۋېلىندى.

795077
بىنالى يىلدىرىم ۋىيېتنامنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىنالى يىلدىرىم ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان ۋىيېتنام زىيارىتى دائىرەسىدە، باش مىنىستىر نگۇيېن شۈەن بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم كېلەر يىلى ئىككى دۆلەتنىڭ رەسمىي مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40-يىللىقىنىڭ تەبرىكلىىدىغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ: «39 يىلدا ئۆزئارا باش مىنىستىر ۋە جۇمھۇر رەئىس سەۋىيەسىدە زىيارەتلەرنىڭ بولماسلىقى چوڭ كەمچىللىك ئىدى، بۇ زىيارىتىمىز ئارقىلىق كەمچىللىكىمىزنى تولۇقلىغان بولدۇق» دېدى.

ئۇ تۈركىيەدىن ۋىيېتنامنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغان باش مىنىستىر بولغانلىقىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «ۋىيېتنام يىراق شەرق رايونىدا يېقىندىن بۇيان غايەت زور تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈۋاتىدۇ. تۈركىيەمۇ ۋىيېتنامغا ئوخشاش تەرەققىي قىلغان دىنامىك بىر دۆلەت. شۇڭا، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئوخشاشلىق بار، نوپۇسى ئاساسەن دېگۈدەك ئوخشاش، ئىقتىسادىي ئېشىش نىسبىتى يۇقىرى، 2020-يىلغىچە ئىككى دۆلەت سودا ئومۇمىي ھەجىمىنى 4 مىليارد دوللارغا ناھايىتى ئاسانلا چىقىرالايمىز، بۇنىڭدا يوشۇرۇن كۈچىمىز بار» دېدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ۋىيېتنام زىيارىتىنىڭ تۈركىيە-ۋىيېتنام مۇناسىۋەتلىرى ئۈچۈن يېڭى دەۋرنىڭ باشلانغۇچ نۇقتىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«بۇ يەردە، خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق مەسىلىلەردە، بولۇپمۇ شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىن پايدىلىنىش مەسىلىلىرىدە ئوخشاش قاراشقا ئىگە ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتىشنى خالايمەن. ۋىيېتنام باش مىنىستىرى ۋە ھەيئەتلەر بىلەن ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدۇق. قاتناشتىن مائارىپ، دېڭىزچىلىق ئىشلىرىدىن سودا، دۆلەت مۇداپىئەسىدىن تارتىپ بارلىق ساھەلەردە ئۆزئارا ھەمكارلىشىش ئىمكانىيەتلىرىمىزنى مۇھاكىمە قىلدۇق. زىيارەت ۋەسىلىسى بىلەن، بۇ ساھەلەرنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىر قاتار كېلىشىملەرنى ئىمزالىدۇق. قوش باج ئېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۆزئارا مەبلەغ سېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئاسانلاشتۇرۇش مەسىلىلىرى بويىچە كېرەكلىك ماددىلار تۈزۈلدى، بۇلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئۈچۈن خىزمەتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

ئۇ تۈركىيە بىلەن ۋىيېتنامنىڭ جۇغراپىيەلىك جايلىشىش نۇقتىسىدىن بىر-بىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، پۇرسەت ئىشىكى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ۋىيېتنام بىلەن ساھەلەر بويىچە مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىرادىسىگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ نگۇيېن شۈەننى: «ۋىيېتنام باش مىنىستىرىنى تۈركىيەدە كۆرۈشتىن ئۆزىمىزنى مەمنۇنلۇق ھېس قىلىمىز» دەپ تۈركىيەگە تەكلىپ قىلدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ۋىيېتنام قەھرىمانلىرىنىڭ قەبرىسىگە گۈلچەمبىرەك قويدى، ئارقىدىن ۋىيېتنام مۇستەقىللىق ھەرىكىتنىڭ رەھبىرىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر