جانىكلى ئىران ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى باقىرىنى قوبۇل قىلدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نۇرەتتىن جانىكلى، ئىران ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى بىرىگادا گېنېرالى مۇھەممەد ھۈسەيىن باقىرى ۋە ھەمرالىقىدىكى ھەيئەتنى قوبۇل قىلدى.
791173
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى باقىرىنىڭ تۈركىيە زىيارىتىدە، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش، رايونغا ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەر، ئىككى تەرەپ مۇداپىئە ساھەسى مۇناسىۋەتلىرى ۋە چېگرا ھەمكارلىقى» قاتارلىق مەسىلىلەر نۇقتىلىق ھالدا مۇزاكىرە قىلىنماقتا.
ئىران ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى بىرىگادا گېنېرالى مۇھەممەد باقىرى، تۈرك مەنسەپدېشى گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەگە كەلگەنىدى.
ئىران ھەيئىتىنىڭ تۈركىيەدىكى زىيارىتى ئۈچ كۈن داۋام قىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.