ئىران ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى تۈركىيەگە كەلدى

ئىران ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى مايور گېنېرال مۇھەممەد باكىرىنىڭ تۈركىيە ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاكار بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

790389
ئىران ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى تۈركىيەگە كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى مۇھەممەد باكىرى تۈركىيە ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى ھۇلۇسى ئاكار بىلەن ئەنقەرەدە كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشتە، ئىككى دۆلەت ئارمىيە رەھبەرلىرى رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ مۇداپىئە ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى.

ئىران ئارمىيە ئىشتاب باشلىقى مايور گېنېرال مۇھەممەد باكىرى تۈركىيە ئارمىيە باش ئىشتابىدا ھۇلۇسى ئاكار تەرىپىدىن مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى. مايور گېنېرال مۇھەممەد باكىرى ئۆتكەن ئاي ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا، ئىراق كۈرت رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئىراقتىن ئايرىلىپ، مۇستەقىل بولۇش ئۈچۈن ئۆتكۈزمەكچى بولغان رېفېراندۇمنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

مايور گېنېرال مۇھەممەد باكىرى ئۈچ كۈنلۈك تۈركىيە زىيارىتىدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نۇرەتتىن جانىكلى بىلەنمۇ كۆرۈشۈشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر