ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى: 43 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيانقى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى سايىسىدا 43 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

789609
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى: 43 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات بېرىپ، 7 – ئاۋغۇستتىن 14 – ئاۋغۇستقىچە بولغان بىر ھەپتىلىك جەرياندا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى 1201 قېتىم زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى؛ بۇ ھەرىكەتلەر جەريانىدا 28 تېررورچى ئۆلۈك، 14 تېررورچى تەسلىم، بىر تېررورچى تىرىك بولۇپ جەمئىي 43 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ دائىرىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياردەم قىلغانلىقى ۋە يان باسقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ 319 كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

بۇنىڭدىن باشقا، دائېشقا چېتىشلىق 87، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىغا چېتىشلىق 267، سولچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا چېتىشلىق 3 كىشى نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا، ئىنتېرنېت جىنايەتلىرىگە چېتىشلىق 152، زەھەرلىك چېكىملىك ۋە ئەتكەسچىلىك قىلمىشلىرىغا چېتىشلىق 2511 كىشى تۇتۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر