تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارنىڭ قورال، ئەسلىھە ئىسكىلاتىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن – باسيان رايونىدا تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى تېررورچىلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.

788606
تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارنىڭ قورال، ئەسلىھە ئىسكىلاتىنى بىتچىت قىلىپ تاشلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن – باسيان رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، 3 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

تېررورچىلارغا تەۋە قورال، ئەسلىھە ۋە تۇرمۇش بويۇملىرىنى ساقلايدىغان ئىسكىلات بىتچىت قىلىپ تاشلاندى.

ئارمىيە باش ئىشتابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ئاۋاشىن – باسيان رايونىدا ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ھەرىكىتىدە تېررورچىلارنىڭ قورال، ئەسلىھە ۋە تۇرمۇش بويۇملىرىنى ساقلايدىغان ئىسكىلاتىنىڭ بىتچىت قىلىپ تاشلانغانلىقى ھەمدە 3 تېررورچىنىڭمۇ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر