ئەردوغان شىمالىي كورېيە مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان: «ئەگەر ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكچىلىك ئۇۇشقا ئايلانسا، بۇ يالغۇز ئۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىلا قالمايدۇ. تېخىمۇ پەرقلىق تەھدىت ۋەزىيىتى باشلىنىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ» دېدى.

788371
ئەردوغان شىمالىي كورېيە مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى راديوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىۋاتقان يىرىكچىلىكلەرنىڭ ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان ئىستانبۇلدا جۈمە نامىزىدىن چېقىش ئەسناسىدا، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاپ بېرىپ، «ھازىر دۇنيادا جەمئىي 16 دۆلەت يادرولۇق قوراللىنىشتا يۇقىرى سەۋىيەلەرگە ئىگە. بۇلارنىڭ ئىچىدە 3 دۆلەتنىڭ يادو قورال كۈچى ئەڭ يۇقىرى. ئۈمىد قىلىمىزكى، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى بۇ تەھدىتلەر ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كەتمەس. ئەكسىچە بولغاندا بۇ يالغۇز ئۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىلا قالمايدۇ. تېخىمۇ پەرقلىق تەھدىت ۋەزىيىتى باشلىنىپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. بىز بۇنىڭ سىياسىي بىر نەتىجىگە ئايلىنىش بىلەن ئاخىرىلىشىشىنى ئارزۇ قىلىمىز» دېدى.

ئەردوغان سۈرىيە چېگراسىدىكى جىلۋە گۆزۈ چېگرا ئېغىزىدىن ئۆتىدىغانلارغا قارىتا بەزى چەكلىمىلەرنى قويۇش مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «ھازىر بىز ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئۈچۈن يەنە تاييارمىز. بۇ جەھەتتىن جىلۋە گۆزۈ چېگرا ئېغىزىنى يەنە ئوچۇق تۇتىمىز. بۇلار يېمەك – ئىچەك، دورا، كېيىم – كېچەك قاتارلىقلاردۇر. بىراق قورال – ياراققا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ ئۆتۈشىگە يول قويمامىز. يول قويۇشىمىزمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئىدلىبتە بولسا، مۇزاكىرلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ دۆلەت ئىستىخبارات تەشكىلاتىمىز بۇ جەھەتتە رۇسىيە بىلەن مۇزاكىرىلىشىۋاتىدۇ. بۇ ئارىلىقتا يەنە ئىران بىلەنمۇ ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. ئىدلىب ھەققىدە موسكۋا سۆھبىتى ئىجابىي شەكىلدە داۋاملاشتى. موسكۋا مۇزاكىرىلىرى ۋە ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئاستانە مۇزاكىرىلىمۇ (بەلكىم بىلىشىڭىز مۇمكىن) شۇنىڭ ئىچىدە. سۈرىيەدە بىخەتەر رايون قۇرۇش قاتارلىقلارمۇ بۇنىڭ ئىچىدىن ئورۇن ئالغان تەقدىردە، ئىدلىبنى تېز سۈرئەت بىلەن ھەل قىلىش چارىسىغا ئىگە قىلىمىز، دەپ قارايمەن» دېدى.

ئەردوغان يەنە گېرمانىيە ھەيئىتىنىڭ 8 – سىنتەبىردە كونيادىكى ناتو بازىسىدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىغا دائىر سوئالغىمۇ جاۋاپ بېرىپ، «بۇ ئەلۋەتتە ئىنجىرلىكتىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسى مەسلىسى ئەمەس، تېخىمۇ پەرقلىق بىر ئىش. بۇ دائىرىدە ھازىر ھەم دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمىز، ھەم تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىز ئىشنىڭ بېشىدا. ھازىر ئىجابىي تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتىدۇ» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر