يىلدىرىم: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان ئىرادە كېرەكلىك دەرسنى بەردى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، جۇمھۇرىيەتنى قۇرغان ئىرادىنىڭ 15 – ئىيۇلدا كېرەكلىك دەرسنى بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

784578
يىلدىرىم: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان ئىرادە كېرەكلىك دەرسنى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، سىۋاس تارىخىي شەھەر مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن كوللېكتىپ لېنتا كېسىش ۋە ئۇل قويۇش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ ئۇلىنىڭ سىۋاستا قويۇلغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، ئۇ مەزگىلدە دۈشمەن ۋە ئىشغالچى ئەسكەرلەرنىڭ سىۋاسنىڭ تارىخىي جاۋابنى بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

سىۋاستىن «ئاسارەت قەتئىي قوبۇل قىلىنمايدۇ، ئىگىلىك ھوقۇق شەرتسىز ھالدا مىللەتىنىڭدۇر» دېگەن سادالارنىڭ ياڭرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن يىلدىرىم، تۈرك مىللىتىنىڭ بۇ ئالىيجاناب قارارىنىڭ سىۋاستىن پۈتكۈل دۇنياغا ئېلان قىلىنغانلىقىنى، ئۇ چاغدا ئىشغالچىلارنى قوللىغۇچىلارنىڭ، ھازىرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش خىيانەتلەرنى قىلىۋاتقانلارنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تۈنۈگۈن ئىسىملىرى پەرقلىق بولغان بۇ خائىنلارنىڭ بۈگۈن ئىسمى ئۆزگىرىپ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى بولدى. پۈتكۈل پەسكەشلىكلىرى بىلەن تۈركىيەگە، خەلقىمىزگە قارشى قارا پىلانلارنى تۈزدى. ئىشغالچى تونۇشتىكىلەر بىلەن بىرلىشىپ، دېموكراتىيەمىزنى يىمىرمەكچى بولۇشتى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان ئىرادە، 15 – ئىيۇلدا بۇ دۆلەتنى ئاغدۇرماقچى بولغانلارغا كېرەكلىك دەرسنى بەردى. ئىسيانچىلارغا زەربە بەردى.»

يىلدىرىم، تەشكىلات مەنسۇپلىرىنىڭ سوتلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ پەسكەشلەرنىڭ بىر – بىرلەپ ھېساب بېرىۋاتقانلىقىنى، ماڭلايلىرىدىكى «ۋەتەن خائىنى» دېگەن تامغىدىن قەتئىي قۇتۇلالمايدىغانلىقلىرىنى، قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابىنى قانۇن بويىچە ئەڭ ئېغىر شەكىلدە بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم، تۈركىيەنىڭ يولىنى تورىماقچى بولغانلارغا قارىماي، دېموكراتىيەنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرىدىغانلىقلىرىنى، ئىقتىسادنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقلىرىنى، يېڭى زاۋۇتلار، خىزمەت ئىمكانىيەتلىرىنى يارىتىدىغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر