ئەردوغان، سازلىقنى قۇرۇتماي تۇرۇپ پاشىلاردىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ، دېدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تېررورلۇق ئۇيۇشمىلىرىنىڭ قەلبىگە خەنجەر سانجىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

784580
ئەردوغان، سازلىقنى قۇرۇتماي تۇرۇپ پاشىلاردىن قۇتۇلغىلى بولمايدۇ، دېدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مالاتيادىكى كوللېكتىپ لېنتا كېسىش مۇراسىمىدا خەلقكە خىتاب قىلىپ، «جەنۇب تەرىپىمىزدە بىر تېررور دۆلىتى قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى داۋام قىلماقتا. ئىزچىل ھالدا ئىسىم ئۆزگەرتىۋاتقان بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى ئارقىلىق دۆلىتىمىزنى مۇھاسىرىگە ئېلىشقا ئۇرۇنۇشماقتا. بۆلگۈنچى تەشكىلات (پ ك ك) دۆلەت ئىچىدە بۇرۇنقىغا قارىغاندا خېلىلا ئازىيىپ كەتكەن بولسىمۇ، پات – پات ۋەقەلەرنى سادىر قىلماقتا. ئىنشائاللاھ، پات يېقىندا بۇ تەشكىلاتنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى پائالىيەتلىرىنى پۈتۈنلەي تۈگەتكەن بولىمىز. بۆلگۈنچى تەشكىلاتنى سۈرىيە ۋە ئىراقتا قەتئىي ئارامىدا قويمايمىز» دېدى.

فىرات قالقىنى ھەرىكىتى ئارقىلىق سۈرىيەدىكى تېررورلۇق پىلانىنىڭ قەلبىگە ئۇرۇلغان خەنجەرنىڭ دائىرىسىنى يېڭى قەدەملەر تاشلاش ئارقىلىق كېڭەيتىش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «ناھايىتى يېقىندا بۇ جەھەتتە يېڭى ۋە مۇھىم قەدەملىرىمىز بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان، سازلىقنى قۇرۇتماي تۇرۇپ، پاشىلاردىن قۇتۇلغىلى بولمايدىغانلىقىنى، نۆۋەتتە ھەم تۈركىيە ھەم رايونغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ سازلىقنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى پاجىئەلىك ۋەزىيەت ئىكەنلىكىنى؛ دائېشتىن پ ك ك غىچە بولغان پۈتكۈل تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ سازلىقتىن ئۇزۇقلىنىۋاتقانلىقىنى، رايوندىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەش پائالىيەتلىرىنىڭ خەلقئارا كۈچلەرنىڭ كۈچ سىنىشىش مەيدانىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

بۇ ئويۇننى بۇزالايدىغان بىردىنبىر دۆلەتنىڭ تۈركىيە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئەردوغان، «بىزنى سەپنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇپ قويالمايدىغانلىقلىرىنى بىلگەنلىكلىرى ئۈچۈن، بېشىمىزغا يېڭى دەردلەرنى پەيدا قىلىشقا تىرىشماقتا. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى خىيانەت شايكىسىنىڭ 15 – ئىيۇل ئىسيان قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى بۇ ئەھۋاللاردىن ئايرىپ قارىماسلىق لازىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر