ئالىي ھەربىي شۇرا بۈگۈن ئېچىلىدۇ

ئالىي ھەربىي شۇرا (YAŞ) بۈگۈن (2-ئاۋغۇست) باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ باشچىلىقىدا ئېچىلىپ، بىر كۈن ئىچىدە ئاخىرلىشىدۇ.

782261
ئالىي ھەربىي شۇرا بۈگۈن ئېچىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالىي ھەربىي شۇرا ئەزالىرى توپلىنىشتىن بۇرۇن باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بىلەن بىرلىكتە ئاتاتۈرك خاتىرە سارىيىنى زىيارەت قىلدى. باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم سارايدىكى خاتىرە دەپتىرىگە: «كۈچلۈك ئۇل-ئاساسقا ئىگە جۇمھۇرىيەتنى، زامانىۋى مەدەنىيەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش نىشانىغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بىلەن تىرىشىۋاتىمىز. تېخىمۇ پاراۋان، تېخىمۇ بىخەتەر، تېخىمۇ ئادىل ۋە تېخىمۇ ئەركىن تۈركىيە-ئەڭ مۇھىم نىشانىمىزدۇر. شېھىتلەرنىڭ قېنى بىلەن يۇغۇرۇلغان بۇ ۋەتەن تۇپرىقىنى ئوخشاش ئىرادە ۋە قەتئىيلىك بىلەن قوغداش، كېلەچەكتىكى ئەۋلادلارغا ئامانەت قويۇش ئىشەنچىمىز ھەر دائىمقىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك» دەپ بېغىشلىما يازدى.

بۇنىڭدىن بۇرۇن ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىدىكى «چاقماق زال» دا ئۆتكۈزۈلىدىغان «مۇتلەق مەخپىي» يىغىن، ئۈچىنچى قېتىم ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ سىرتىدا-چانقايا سارىيىدا ئېچىلىدۇ. يىغىن بىر كۈندە ئاخىرلىشىدۇ.

يىغىندا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش بىلەن ئارمىيە خىزمەتلىرىدىن باشقا، ئارمىيە ئىچىدىكى كادىرلارغا پولكوۋنىك ۋە گېنېراللىق ئۇنۋانلىرىنى بېرىش، ئۆستۈرۈش ئىشلىرىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشى كۈتۈلمەكتە.

ئالىي ھەربىي شۇرادا چىقىرىلغان قارارلار جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تەستىقلىغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ.

شۇرانىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

  1. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تەكلىپى؛
  2. باش مىنىستىرنىڭ ئىمزاسى ۋە جۇمھۇر رەئىسنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بېكىتىلگەن ئارمىيە قوماندانلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشىدۇ. بۇنىڭدا، قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى سالىھ زەكى چولاك، دېڭىز ئارمىيە قوماندانى بۈلەنت بوستانئوغلۇ ۋە ھاۋا ئارمىيە قوماندانى ئابىدىن ئۈنال قاتارلىق گېنېراللارنىڭ ئەھۋالى شۇرانىڭ ۋەزىپە بەلگىلەش قارارى بىلەن بېكىتىلىدۇ. ھازىرقى قانۇن ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشقان قوماندانلارنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى ئۇزارتىشقا يول قويمايدۇ.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي قانۇنى بويىچە، قوماندانلار ئىككى يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. بۇ قارارنى پەقەت دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ يازما تەلىپى، باش مىنىستىرنىڭ ئىمزاسى ۋە جۇمھۇر رەئىسنىڭ تەستىقى بىلەن بىر يىل ياش چەكلىمىسى توشقىچە ئۇزارتىشقا بولىدۇ. خىزمەت ئۆتەش مۇددىتى ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن يىلنىڭ 30-ئاۋغۇست كۈنى ئاساس قىلىنىپ ھېسابلىندۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر