ئىران - تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىستانبۇلدا كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف بىلەن كۆرۈشتى.

781541
ئىران - تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىستانبۇلدا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ھەرەم شەرىفكە ئالاقىدار ئەڭ يېڭى ئەھۋاللارنى مۇزاكىرە قىلىش مەقسىتىدە تۈركىيەنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن ئىستانبۇلدا ئېچىلغان، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ئەللەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى جىددىي يىغىنى دائىرىسىدە ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، چاۋۇشئوغلۇ بىلەن زەرىف، قۇددۇسقا ئالاقىدار ئۆزگىرىشلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئىككى دۆلەت ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر بويىچە پىكىر ئالماشتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر