تۈركىيە ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئەنقەرە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالاھىدە ۋەكىلى برېت ماكگۇركنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

780478
تۈركىيە ئامېرىكىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھۈسەيىن مۈفتۈئوغلۇ، ماكگۇركنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەۋجۇدىيىتى بىلەن تۈركىيەنى مۇناسىۋەتلەشتۈرگەن سۆزلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «قۇترىتىش ماھىيەتلىك سۆزلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈلگەنلىكى» نى ئۇقتۇردى.

باياناتچى ھۈسەيىن مۈفتۈئوغلۇ، ماكگۇركنىڭ بىر ئىستراتېگىيە ئىنستىتۇتىدىكى لېكسىيەسى جەريانىدا ئىشلەتكەن سۆزلىرىگە ئالاقىدار بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دائېشقا قارشى كۈرەش بويىچە ئالاھىدە ۋەكىلى برېت ماكگۇركنىڭ، ئىدلىبتىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەۋجۇدىيىتى بىلەن دۆلىتىمىزنى مۇناسىۋەتلەشتۈرگەن مۇھاكىمىسىگە بولغان نارازىلىقىمىز، يۇقىرى دەرىجىدە ئالاقە ئورنىتىلىپ بىۋاسىتە ئىسمى زىكىر قىلىنغان كىشىگە بىلدۈرۈلدى ۋە قۇترىتىش ماھىيىتىدىكى سۆزلىرى رەت قىلىندى. بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقتا پاناھلىنىشىنىڭ ئارقىسىدىكى تۈپ سەۋەبلەرنى يوقىتىپ تاشلاشنىڭ پۈتكۈل ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ سۆزلىرى بىلەن ھەرىكەتلىرى ئارىسىدا زىتلىق بولمىغاندىلا مۇمكىن بولىدىغانلىقى، سۈرىيەدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د / ي پ گ نىڭ قانداق مەقسەت بىلەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، قوللاپ – قۇۋۋەتلەنمەسلىكى توغرىسىدىكى ئۈمىدىمىز خاتىرىلىتىپ ئۆتۈلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ھۈسەيىن مۈفتۈئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ مەزكۇر كىشىنىڭ سۆزلىرىگە بىلدۈرگەن نارازىلىقىنىڭ تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئامېرىكا دائىرىلىرىگىمۇ يەتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر