ئەردوغان: غەرب ئەسىر ئالالمىغان بىردىنبىر مەدەنىيەت ئىسلام مەدەنىيىتىدۇر

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ غەرب ئەسىر ئالالمىغان بىردىنبىر مەدەنىيەت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

777964
ئەردوغان: غەرب ئەسىر ئالالمىغان بىردىنبىر مەدەنىيەت ئىسلام مەدەنىيىتىدۇر

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدىكى «ئىسلام دۇنياسى ئالىي مائارىپ ساھەسىنىڭ شەكىللەندۈرۈلىشى يىغىنى»دا قىلغان سۆزىدە، ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىدىن كېيىن ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىدى ئەقسادىكى ئېلېكتىرونلۇق مېتال ئاختۇرۇش ئۈسكىنىسىنى ئېلىپ تاشلىغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئىسرائىلىيەنىڭ مۇسۇلمانلارغا ئازار ھېسابلىنىدىغان مېتال ئاختۇرۇش ئۈسكىنىسى ئورنىتىشتىن چېكىنگەنلىكى سۈركىلىشلەرنى تۆۋەنلىتىش نۇقتىسىدىن توغرا بىر قەدەم بولدى. بۇنىڭدىن مەمنۇن بولغانلىقىمىز راس. ئەمما بۇ يېتەرلىك ئەمەس. جۈمە كۈنىدە مۇسۇلمانلارغا ئۇ دەرۋازىلارنىڭ تاقىۋېتىلىشىگە چېداپ تۇرىشىمىز مۇمكىن ئەمەس» دېدى.  

ئىسرائىلىيەنىڭ قۇددۇسنىڭ ئىسلامىي كىملىكىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى قەيت قىلغان ئەردوغان، «پۇرسەت تاپسىلا تۈركىيەنى تەنقىد يامغۇرىغا تۇتىدىغانلار ئەپسۇسكى، پەلەستىن ۋە قۇددۇس مەسلىسىگە كەلگەندە بىردىنلا ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كېتىىشدۇ» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مەسجىدى ئەقسانىڭ غۇرۇرىنى قوغداش پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنىڭ ۋەزىپىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش پايدىلىقكى، بۇ دۇنيادا تىنچلىق ئىچىدە ياشاشنى خالايدىغان بولساڭلار، باشقىلارغا تەھدىت سېلىشنىڭ ئورنىغا ئۆزەڭلارنىڭ بۇ رايوننى ئاتەش چەمبرىگە ئىتتىردىغان سىياسەتلىرىدىن ساقلىنشىڭلار لازىم. ئىسلام مەدەنىيىتى غەرب يۈتۈپ كېتەلمىگەن ۋە ئەسىر ئالالمىغان بىردىنبىر مەدەنىيەتتۇر» دېگەنلەرنىمۇ سۆزلىرگە ئىلاۋە قىلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر