ئەردوغان ئاقرىقىدا ئەڭ كۆپ زىيارەتتە بولغان رەھبەر

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 23 ئافرىقا دۆلىتىدە، 30 قېتىمدىن كۆپرەك زىيارەتتە بولدى.

775103
ئەردوغان ئاقرىقىدا ئەڭ كۆپ زىيارەتتە بولغان رەھبەر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئافرىقا ئىشلىرى مۇدىرى باش ئەلچى ئەھمەت رىزا دەمىرېر، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئوخشاش ئافرىقىنى كۆپ زىيارەت قىلغان باشقا رەھبەرنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، «بۇ زىيارەتلەر ئارقىلىق تۈركىيە خەلقىگە ئافرىقىنى ۋە ئافرىقا خەلقىگە تۈركىيە خەلقىنى تۇنۇتتى» دېدى.

ئەھمەت رىزا دەمىرېر 34 – نۆۋەتلىك ئافرىقا سەھىيە قۇرۇلتىيىدا سۆز قىلىپ،  ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئافرىقىغا ئاتلىنىش سەپەرۋەرلىكى باشلىغانلىقىنى، ئافرىقىدا يېڭى ئەلچىخانىلارنى ئاچقانلىقىنى، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭمۇ ئافرىقىغا ئۇچۇشلارنى باشلاپ، ئىسانپەرۋەرلىك ياردەملەر ئۈچۈن مەنبە ياراتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

باش ئەلچى ئەھمەت رىزا دەمىرېر تۈركىيەنىڭ باشقا دۆلەتلەردىن پەرقىلىق ھالدا ئۆزىنىڭ تەرەققىيات مەنبەلىرىنى پىدا قىلىپ، ئافرىقىغا ياردەم قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە ئافرىقىدا مۇھىم مۇساپىلەرنىڭ بېسىلغانلىقىنى ئېيتتى ۋە بۇ ئارقىلىق يېقىن دوستلۇق رىشتىسىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. 

ئافرىقىغا ئاتلىنىش ھەرىكىتىنىڭ ئىجادكارى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئەردوغاننىڭ باش مىنىستىرلىق ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك مەزگىلىدە 23 ئافرىقا دۆلىتىدە 30 قېتىمدىن كۆپرەك زىيارەتتە بولغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: «ئەردوغاننىڭ زىيارەتلىرى، ئۆزى ئافرىقىلىق بولمىغان بىر رەھبەرگە نىسبەتەن رېكورت ياراتقانلىقتۇر، دېيەلەيمىز. پەرىزىمچە ئافرىقىنىڭ ئۆزىدىمۇ ئافرىقىنى ئەردوغانغا ئوخشاش كۆپ زىيارەت قىلغان ئافرىقىلىق رەھبەر بولمىسا كېرەك. جۇمھۇر رەئىسىمىز بۇ زىيارەتلەرنى قىلغاندا يېنىدا دائىم سودا - سانائەتچىلەرى، ئاكادېمىكلارنى، ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنى ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھە ۋەكىللىرىنى بىرگە ئېلىپ باردى. ئەردوغان تۈركىيە خەلقىگە ئافرىقىنى ۋە ئاقرىغىغا تۈركىيە خەلقىنى تونۇتتى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر