ئەردوغان پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولىدۇ

ئەردوغان قاتار كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولىدۇ

772663
ئەردوغان  پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتار بىلەن پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىسنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولىدۇ.

جۇمھۇر رەئىسلىك ئىدارسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ 23-،24- ئىيۇلدا ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولۇشنى پىلانلىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە مىسىر قاتارلىق پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى  قاتارنى «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىش بىلەن» ئەيىبلەپ قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ تاشلاپ قاتارغا بىر قاتار ئېمبارگولارنى قويۇشنى قارار قىلغانىدى.

كۇۋەيت  پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن قاتارنى مۇرەسسەلەشتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولسا، تۈركىيەمۇ كۇۋەيتنىڭ بۇ تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر