«مەسجىدى ئەقسانى ئىبادەتكە تاقىۋېتىش جىنايەتتۇر»

مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى نۇمان كۇرتۇلمۇش مەسجىدى ئەقسانى ئىبادەتكە تاقىۋېتىشنىڭ جىنايەت بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

772513
«مەسجىدى ئەقسانى ئىبادەتكە تاقىۋېتىش جىنايەتتۇر»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋە ھۆكۈمەت باياناتچىسى نۇمان كۇرتۇلمۇش ئىسرائىلىيەنىڭ مەسجىد-ئەقسانى ئىبادەتكە تاقىۋېتىشىنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان قىلمىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كۇرتۇلمۇش مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

مەككە ۋە مەدىنەدىكى ھەرەملەر ۋە قۇددۇستىكى مەسجىدى ئەقسانىڭ مۇسۇلمان دۇنياسىدىكى 3 مۇقەددەس جامە ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ، قۇددۇستىكى مەسجىدى ئەقسانىڭ  مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى قىبلىسى ۋە ئۈچ چوڭ جامەسىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «1967-يىلدىكى ئۇرۇشلاردىن بۇيان پەقەتلا تاقىلىپ باقمىدى، بولۇپمۇ جۈمە نامازلىرى پەقەت ئاقساپ قالمىغانىدى، ئىسرائىلىيە تىنچلىق شوئارىنى كۆككە كۆتۈرۈپ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، ئىسرائىىليەنىڭ مۇشۇنداق بىر قارارنى چىقىرىشىنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس، بۇ ئىنسانىيەتكە ۋە ئىبادەت ئەركىنلىكلىرىگە قارشى  سادىر قىلىنغان جىنايەتتۇر.»

جۈمە كۈنى مەسجىدى ئەقسانىڭ ھويلىسىدا پەلەستىنلىك 3 ياش ئىشغالىيەتچى ئىسرائىلىيە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى.

بۇنىڭغا قارىتا مەسجىدى ئەقسا تېررورىزىم باھانە قىلىنىپ ئىبادەتكە تاقىۋېتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر