ئەردوغان: فەتھۇللاھچىلار تۆككەن قانلىرى بىلەن ھەقىقى نىيىتىنى ئاشكارىلىدى

ئەردوغان غەرىپ ئەللىرىنىڭ تۈركىيەدە يۈرگۈزۈلىۋاتقان جىددىي ھالەت ھەققىدىكى ناھەق قاراشلىرىغا ئىنكاس قايتۇردى.

771137
ئەردوغان: فەتھۇللاھچىلار تۆككەن قانلىرى بىلەن ھەقىقى نىيىتىنى ئاشكارىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېررورلۇققا قارشى كۈرەش نىشانىغا يەتكەندە جىددىي ھالەتنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان ئەنقەرە سودا ئۇيۇسمىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى سۈپىتىدە 15 – ئىيۇل» تېمىلىق يىغىندا سۆز قىلدى.

ئەردوغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15 – ئىيۇلدىكى قانلىق ئىسيانىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشنىڭ دۇنيا دېموكراتىيە تارىخىدىكى تۈنجى ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

15 – ئىيۇل ھەربيى – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ياللانمىلارنىڭ قوللىرى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلماقچى بولغان بىر ئىشغالىيەت ئۇرۇنۇشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خائىنلارنىڭ خەلققە تۇتقان رەھىمسىزلەرگە  پوزىتسىيەسى، نامايان قىلغان ۋەھشىيلىكى ۋە تۆككەن قانلىرى بىلەن ھەقىقى نىيىتىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى ئېيتتى. 

ئەردوغان غەرىپ ئەللىرىنىڭ پات - پات تۈركىيەدە يۈرگۈزۈلىۋاتقان جىددىي ھالەتنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بىراق فىرانسىيەدە بۇنداق ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشى بولمىغان تۇرۇغلۇق قانچە قانچە قېتىملاپ جىددىي ھالەتنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىۋاتقانلىقىنى بولسا، قەتئىي كۈنتەرتىپىگە ئېلىپ قويۇشمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان: «بىزدىن <جىددىي ھالەتنى قاچان ئەمەلدىن قالدۇرۇسىلەر؟> دەپ سورىشىدۇ. بۇ بارلىق بىئاراملىقلار تۈگىگەن چاغدا ئەمەلدىن قالدۇرىمىز. تېررورلۇققا قارشى كۈرىشىمىز نىشانىغا يەتكەندە ئەمەلدىن قالدۇرىمىز. مانا بۇلار تۈگىمەي تۇرۇپ، ھېچكىشى بىزدىن جىددى ھالەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى كۈتمىسۇن» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر