«S-400» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى مۇزاكىرىلىرىدە ئىلىگىرىلەش بار

تۈركىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھۇسەيىن دىرىئۆز تۈركىيە – رۇسىيە «S-400» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى باتارىيالىرى مۇزاكىرىلىرىگە ئالاقىدار سوئالغا جاۋاپ بەردى.

770952
«S-400» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى مۇزاكىرىلىرىدە ئىلىگىرىلەش بار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ھۇسەيىن دىرىئۆز رۇسىيەنىڭ «S-400» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى باتارىيالىرىنىڭ تۈركىيەگە يوللىنىشىغا دائىر مۇزاكىرىلەردە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىنى ۋە تېخنىكىلىڭ مەسلىلەردىمۇ ياخشى ئىلگىرىلەشلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

ھۇسەيىن دىرىئۆز رۇسىيەنىڭ «Segodnya» خەۋەر ئاگېنتلىقىدا چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى «S-400» ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى باتارىيالىرى مۇزاكىرىلىرىگە ئالاقىدار سوئالغا جاۋاپ بېرىپ «ئىلگىرىلەشلەر بار، تېخنىكىلىق مۇزاكىرىلەر ئىجابىي تەرەپكە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. ئۇچرىشىشلىرىمىزمۇ داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېدى.

باش ئەلچى ھۇسەيىن دىرىئۆز يەنە، تۈركىيە – رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ۋىزا مەسلىسىگە ئالاقىدار ئۇچرىشىشلىرىنىڭ بىر قانچە كۈندىن كېيىن موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «تۈركىيە رۇسىيە بىلەن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشقا ئۆتۈشنى خالايدۇ. يېقىن كەلگۈسىدە رەسمىي ھەيئەتلەر، تۈركىيە كارخانىچىلىرى ۋە يۈك ئاپتوموبىل شوپۇرلىرى ئۈچۈن ۋىزا رەسمىيەتلىرىنىڭ ئاسانلاشتۇرۇلىشىنى خالايمىز» دېدى.

ھۇسەيىن دىرىئۆز ئاخىرىدا، تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ تۈركىيەدىن رۇسىيەگە پەمىدۇر ئېكىسپورت قىلىشقا يول قويۇلىشغا ئالاقىدار تىخنېكىلىق مۇزاكىرلەرنىڭمۇ ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر