تۈركىيە ئارمىيەسى تېررورچىلارغا زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى ئۈنۈملۈك داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە ئارمىيەسى، ئاغرى، ھاككارى، شەمندىلى قاتارلىق جايلارغا تېررورچىلارغا ئارقا - ئارقىدىن زەربە بەردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى، ئاغرى چەت رايونىدا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ 4 ئەزاسىنى بىر تەرەپ قىلدى.
بوشلۇقتىن كۆزىتىش ۋە چارلاش ئاپپاراتلىرى، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ ئاغرىنىڭ چەت رايونىدىكى بىر ئۆڭكۈرىنى بايقىغاندىن كېيىن، ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ يوقىتىپ تاشلىدى؛ ھەرىكەتتە 4 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.
يەنە بىر تەرەپتىن، تېررورچىلار ھاككارى يۈكسەكئوۋادىكى سالاھۇددىن ئەييۇبى ئايرودۇرۇمىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداۋاتقان ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇندى؛ توقۇنۇشتا 2 تېررورچى ئۆلتۈرۈلدى، بىر ساقچى يېنىك يارىلاندى.
رايوندا كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىدى.
شەمدىنلى تاغلىق رايونىدىمۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە كۆپ مىقداردا ئوق – دورا ۋە تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى قولغا چۈشۈرۈلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، شىرناقتا پ ك ك ئەزاسى 5 تېررورچى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تەسلىم بولدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گىرېتسىيە باش مىنىستىرى كىرىياكوس مىتسوتاكىس ئەتە تۈركىيەگە يېتىپ كېلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە مىتسوتاكىسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىدۇ.