قايغۇلۇق خەۋەر... ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى

ھىزان ناھىيەسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرى تەرىپىدىن كۆمۈلگەن مىنانىڭ پارتلىتىلىشى نەتىجىسىدە 2 ئەسكەر شېھىت بولدى.

767275
قايغۇلۇق خەۋەر... ئىككى ئەسكەر شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىتلىسنىڭ ھىزان ناھىيەسىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرى تەرىپىدىن كۆمۈلگەن مىنانىڭ پارتلىتىلىشى نەتىجىسىدە 2 ئەسكەر شېھىت بولدى، 1 پۇقرا ئېغىر يارىلاندى.

ئەسكەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىشىلەر ئولتۇرغان ئاپتوموبىل، ھازرو دەرياسىدىن ئۆتۈۋاتقان ئەسنادا پ ك ك تېررورچىلىرى يولغا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرغان مىنانى پارتلاتتى؛ تېررورچىلار پارتلاشتىن كېيىن، ئاپتوموبىلغا قارىتىپ ئوق چىقاردى، نەتىجىدە ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 2 ئەسكەر شېھىت بولدى، ئاپتوموبىلدىكى بىر پۇقرا ئېغىر يارىلاندى.

پارتلاشتىن كېيىن رايوندا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت باشلاندى.

ھاككارىنىڭ يۈكسەكئوۋا ناھىيەسىدىمۇ پ ك ك تېررورچىلىرى، قۇرۇلۇش ماشىنىلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، 4 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، بىر كىشىنى يارىلاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر