ئەردوغان «ئەردوغاننى ئۆلتۈرگەنگە مۇكاپات» لوزۇنكىسى ھەققىدە توختالدى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھامبۇرگ سەپىرىدە مەخسۇس ئايروپىلانىدا گېرمانىيەدە ئېسىلغان «ئەردوغاننى ئۆلتۈرگەنلەرگە مۇكاپات» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكا توغرىسىدا توختالدى.

766373
ئەردوغان «ئەردوغاننى ئۆلتۈرگەنگە مۇكاپات» لوزۇنكىسى ھەققىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇ گېرمانيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا ئېچىلغان «ئەردوغاننى ئۆلتۈرگەنگە مۇكاپات» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكىغا مۇناسىۋەتلىك ئايروپىلاندا بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ گېرمانىيەنىڭ تېررورىستلارنى قوينىغا ئالغان دۆلەت بولۇپ كۆرۈنۈشىنىڭ كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدىغانلىقىنى، بۇنداق ئىشلارغا رۇخسەت قىلىشنىڭ چوڭ بالايىئاپەت بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان تۈركىيە پۇقرالىرىغا خىتاب قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشنىڭ «سىياسىي جەھەتتە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش» بولىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ قاتارغا قويغان تەلەپلىرىنىڭ بىر دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ تۈركىيە ھەربىي بازىسىنى پەقەت قاتار تەلەپ قىلغاندىلا تاقاشقا بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ غەرب دۇنياسىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تۇتۇۋاتقان قوش ئۆلچەملىك مۇئامىلىسىنى ئەيىبلىدى. ئۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىدا ئاچقان مەكتەپلىرى ئارقىلىق مىليونلارچە دوللار كىرىم قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىر تەرەپتىن، ھەربىي ئۆزگىرىشنى ئەيىبلەيدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىغا قۇچاق ئاچقان دۆلەتلەرگە رەھەت ئېيتىدۇ، بۇ قانداق گەپ؟.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 15-ئىيۇل دېموكراتىيە ۋە مىللىي باراۋەرلىك كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان پائالىيەتلەر توغرىسىدىمۇ توختالدى. ئۇ 15-ئىيۇل پائالىيەتلىرىنىڭ 14-ئىيۇل «مىللەت جامەسى» دە ئوقۇلىدىغان جۈمە نامىزىدىن كېيىنلا باشلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر