ئەردوغان ھامبۇرگدا ئۇچرىشىشلىرىنى باشلىدى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھامبۇرگدا G20 دۆلەتلەر گۇرۇھى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ئېچىلغان كۆرگەزمە مەركىزىدە مۇھىم ئۇچرىشىشلىرىنى باشلىدى.

766768
ئەردوغان ھامبۇرگدا ئۇچرىشىشلىرىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان G20 يىغىنى دائىرىسىدە بىرىنچى بولۇپ ب د ت باش كاتىپى گۇتېررس بىلەن كۆرۈشتى. كۆرۈشۈشكە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرەچى ئۆمەر چەلىك ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن قاتارلىقلار بىرگە بولدى.

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ب د ت باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشۈشىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزۇ ئابى بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ: «دۆلىتىمىزدىكى خائىنلارچە ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى يۈز بەرگەندە تۇنجى بولۇپ تېلېفون قىلغان رەھبەر بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن تەشەككۈرلىرىمنى بىلدۈرۈشنى خالايمەن. بىراق، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ياپونىيەدە تەلىم-تەربىيە ئورۇنلىرى، جەمئىيەتلەر ۋە ئاتالمىش مەدەنىيەت مەركەزلىرى نامى ئاستىدا پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى مۇقىم ئورگانلىرى ئارقىلىق ئۆزىنى تۈركىيە جەمئىيىتىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە كۆرسىتىپ، ھەر خىل پائالىيەتلەرنى قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار ھېچقانداق شەكىلدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر