تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز ئاھالىلەر رايونلىرىغا زاپاس قۇرۇلۇش سېلىش قارارىنى ئەيىبلىدى.

750213
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ 1967 – يىلىدىن بۇيان ئىشغالى ئاستىدا تۇتۇۋاتقان غەربىي قىرغاقتىكى قانۇنسىز ئاھالىلەر رايونلىرىغا 2500 يۈرۈش قوشۇمچە تۇرالغۇ جاي سېلىش قارارىنى ماقۇللىشىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا، پەلەستىن خەلقنىڭ ئۆز زېمىنلىرىدىكى ئەڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان ۋە ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بۇ خىل خىلاپ قىلمىشلار ھېچبىر شەكىلدە قوبۇل قىلىنمايدۇ» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر