ئەردوغان: بىز قاتارنى يالغۇز تاشلاپ قويمايمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمانغا ئازار بېرىپ يۈرىشىدىن جاق تويغانلىقىنى ئېيتتى.

749962
ئەردوغان: بىز قاتارنى يالغۇز تاشلاپ قويمايمىز

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتارغا ھەر تۈرلۈك ياردەملەرنى قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئىستانبۇل ۋىلايەتلىك باشقارمىسى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئىپتار پىروگراممىسىدىكى نۇتۇقىدا، قاتار مەسلىسى ئۈستىدە توختالدى ۋە ئىسلام دۇنياسىدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمانغا ئازار بېرىپ يۈرىشىدىن جاق تويغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان، سۈرىيە، ئىراق، يەمەن، ئافغانىستان، بىرما ۋە ئاخىرىدا قاتاردا يۈز بەرگەن ھەمدە ھېچ كىشىگە قىلچە پايدىسى بولمايدىغان مەسىلىلەرنىڭ بالدۇرراق ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. قاتار ھەققىدە ھەر كۈنى دېگۈدەك يېڭى خەۋەرلەرنىڭ تارقىلىشقا باشلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «قاتاردىكى كۆپ خىل  خىزمەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك فوندى جەمئىيەتلەرنى «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ ئېلان قىلىشماقتا. بۇنداقمۇ ئىش بولامدۇ؟ ئۇ فوندى جەمئىيەتلەرنى مەنمۇ تونۇيمەن، مەنمۇ بىلىمەن. قاتارنىڭ تېررورلۇقنى قوللىغانلىقىنى بۈگۈنگە قەدەر مەن ئۇچرىتىپ باقمىدىم» دېدى.

يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان قاتار بىلەن شۇنچە يېقىن مۇناسىۋەتلىرى بولغان پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ، دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت دەپ بىلىدىغان قاتارنى بىردەمدىلا «تېررور دۆلىتى» دەپ ئېلان قىلىپ يۈرىشىنى چۈشىنەلمەي قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «كۆڭۈللىرىگە ئېلىشمىسۇن، ئەمما بىز قاتارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى يالغۇز تاشلاپ قويمايمىز. يەلكىمىزگە قانداق ۋەزىپە يۈكلىنىشىدىن قەتئىي نەزەر، ھەققانىيەت يولىدا قوللاپ - قۇۋۋەتلەشنى داۋاملاشتۇرىمىز. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇ رايوننىڭ مۇقىملىقى، تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى قوغداشنىڭ تەرەبدارى بولۇپ كەلدۇق. ھېچ قانداق ئايرىمچىلىق قىلماستىن، قېرىنداشلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ھەل قىلىش شۇنداقلا ئۇلارنى ئورتاق مەنپەئەتلىرى ئۈستىدە بىر يەرگە جەم قىلىش يولىدا كۈرەش قىلدۇق. بۈگۈنمۇ يەنە ئوخشاش غايە بىلەن ھەرىكەت قىلىمىز. قاتار كىرىزىسىنى ھەل قىلىپ، قېرىنداشلىرىمىزنى ئورتاق مەنپەئەت ئۈستىدە ئۇچراشتۇرۇش ئۈچۈن ئىنتايىن زىچ دېپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋاتىمىز. ئىنشائاللاھ  قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە بۇ تىرىشچانلىقلىرىمىزنىڭ مىۋە بېرىشكە باشلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ھەممىدىن بەكرەك بىزگە زىيان سالغان، ھەممىدىن بەك مۇسۇلمانلارغا زىيىنى يەتكەن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى يوقۇتۇشنىڭ يولى ئىختىلاپ ئەمەس ئىتتىپاقتۇر» دېدى.

ئەردوغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننىڭ ئاخشام ئېلان قىلغان باياناتى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، قاتارغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنىڭ تۆۋەنلىتىلىشىنى تەلەپ قىلغان باياناتىنىڭ مۇھىىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتارغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولارنىڭ تولۇق ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى ھەمدە بۇ جەھەتتە پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ ئەڭ چوڭى ۋە ئەڭ كۈچلۈكى بولغان سەئۇدى ئەربىستاننىڭ چوڭ ۋەزىپىسى بارلىقىنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىگە مۇناسىۋەتلىك تۈركىيە بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىملەرنىڭ 2 - 3 يىللىق جەريان ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «پارىس قولتۇقىدىكى دوستلىرىمىزدىن قېنى بىر سوراپ باقايلى! <ئامېرىكىنىڭ قاتاردىكى ھەربىي بازىسىدىن نېمىشقا ئۇنداق بىئارام بولمايسىلەر؟ قاتاردا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي بازىلىرىمۇ بار، سىلەر ئۇلاردىن نېمە ئۈچۈن بىزدىن بىئارام بولغاندەك بىئارام بولمايسىلەر؟>» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر