قاتار ئەمىرى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا رەخمەت ئېيتتى

قاتار ئەمىرىنىڭ تۈركچە رەخمەت ئېيتقان ۋىدېئوسىغا مۇزىكا سۈپىتىدە «دىرىلىش ئەرتۇغرۇل» ناملىق فىلىمنىڭ مۇزىكىسىنىڭ قويۇلغانلىقى ھەممىدىن دىققىتىنى تارتتى.

749916
قاتار ئەمىرى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا رەخمەت ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتارغا دېپلوماتىك ئېمبارگولار يۈرگۈزۈلىشكە باشلانغانلىقىغا قارىماستىن، تۈركىيە دوستلۇق قولىنى سۇندى. قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھاماد ئەسسانى جۇمھۇر جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ئالاھىدە رەخمەت ئېيتتى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا تۈرك تىلىدا رەخمەت ئېيتقان قاتار ئەمىرى سۆزلىرىگە ۋىدېئو كۆرۈنۈشلەرنى قوشۇپ ئېلان قىلدى.

قاتار ئەمىرىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا تارتىلگەن سۈرەتلىرىدىن تەركىپ تاپقان ۋىدېئوغا مۇزىكا سۈپىتىدە «دىرىلىش ئەرتۇغرۇل» ناملىق فىلىمنىڭ مۇزىكىسىنىڭ قويۇلغانلىقى ھەممىدىن دىققىتىنى تارتتى.

قاتار ئەمىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننىڭ باياناتىنىڭ ئارقىدىنلا ئەردوغانغا يازغان تەشەككۈرنامىسىنى ئېلان قىلدى.

تىللېرسون رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ قاتارغا قاراتقان ئېمبارگولىرىنى يومشىتىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر