تۈركىيە كەربالادىكى ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

كەربالادىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى.

749747
تۈركىيە كەربالادىكى ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىراقنىڭ كەربالا شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا كەربالادىكى ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە يارىدار بولغانلارنىڭ بارلىقى، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا: «مۇقەددەس رامىزان ئېيىدا قىلىنغان بۇ لەنەتلىك تېرررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. دۇست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئىراق خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز. ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت ۋە يارىدار بولغانلارغا بالدۇرراق شىپالىق تېلەيمىز» دېيىلدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر