تۈركىيە 70 كە يېقىن ئادەم ئۆلگەن سومالىدىكى ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى

ئەششەباب تېررورچىلىرى سومالىنىڭ يېرىم ئاپتونوم رايونى پۇتنلاندتىكى بىر ھەربىي بازىغا ھۇجۇم قىلىپ، پۇقرالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 70 كە يېقىن ئادەمنى ئۆلتۈردى.

749059
تۈركىيە 70 كە يېقىن ئادەم ئۆلگەن سومالىدىكى ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى
dışişleri Raşidin saldırı kınama.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سومالىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدار ئەھمەد مۇھەممەد، ئەششەباب ئەزالىرىنىڭ ئافئۇرۇر ھەربىي بازىسىغا پارتلاتقۇچ ۋە ئېغىر تىپلىق قوراللارنى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ھۇجۇمدا قانچە كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى تولۇق شەكىلدە ئېنىقلاپ چىقىش مۇمكىن بولمىغان بولسىمۇ، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، پۇقرالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 70 كە يېقىن ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئونلارچە ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

سومالى ئارمىيەسى ياردەم بەرگۈچى قىسىملىرى، ھۇجۇم يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ بېرىپ، ئەششەباب ئەزالىرىنى چېكىندۈردى. يەنە بىر تەرەپتىن ئەششەباب ھۇجۇم توغرىسىدا بايانات بېرىپ، 61 سومالى ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، ئارمىيەنىڭ كۆپ مىقداردا ھەربىي ئەسلىھە ۋە ئوق – دورىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈركىيە پۇنتلاندىكى ھەربىي بازىغا قىلىنغان تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى؛ تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «دۆلەتتە تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش ئۈچۈن پىداكارلارچە خىزمەت قىلىۋاتقان خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە قىلىنغان بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا كۈچلۈك لەنەت ئېيتىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يېقىن – يورۇقلىرىغا سەۋر ۋە يارىدارلارغا تېز شىپالىق تىلەنگەن باياناتتا، تۈركىيەنىڭ تېررورىزمغا قارشى كۈرەشتە سومالى خەلقى ۋە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر