ئەردوغان: قاتارغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولار توغرا ئەمەس

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باشلىقى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاتارغا قارشى يولغا قويۇلغان ئېمبارگولارنى توغرا دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

747383
ئەردوغان: قاتارغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولار توغرا ئەمەس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 10-نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر ئىپتار زىياپىتىدە، ئۆز ئارا ھەمكارلىققا ھەر قانداق ۋاقىتتىكىدىن كۆپ ئېھتىياج بولۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا يۈز بەرگەن بۇ ھادىسىنىڭ، رايوندىكى ھېچقانداق دۆلەتكە پايدىلىق ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئىچىدىكى مەسىلىلەرنى ئۆز ئارا دىيالوگ يولى بىلەن ھەل قىلىشىنىڭ ئەڭ توغرا ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى، بۇ دائىرىدە قاتار نامايان قىلغان سوغۇققان بولۇش ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىش خاراكتېرلىك پوزىتسىيەسىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «بىز تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى چوڭ كۈرەش قىلغانلىقىنى يېقىندىن بىلىدىغان قاتارنى بۇنداق يالغۇزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇش، ھەر قانداق مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا پايدىلىق ئەمەس. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، 15-ئىيۇلدىكى ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ زور قىيىنچىلىقتىكى ۋاقىتلىرىمىزدا ھەر دائىم ئەڭ چوڭ ياردىمىنى ئايىمىغان بارلىق دوستلرىمىزغا ئوخشاش، قاتار بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرغان ھالدا داۋاملاشتۇرىمىز. باشقا دۆلەتلەرنىڭ قاتار بىلەن بولغان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتىمۇ زىممىمىزگە چۈشكەن ھەر قانداق ۋەزىپىنى ئورۇنلاشقا تەييارمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سۈرىيە ۋە تېررورلۇق مەسىلىلىرى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنى يوقىتىش ئۈچۈن يەنە بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى (پ ي د، ي پ گ) دىن پايدىلىنىلۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«تاكتىكا سەۋەبلىك بولسىمۇ، ئىشغال قىلىۋالغان زېمىنلاردا ئېتنىك تازىلاش ئېلىپ بارغان، بەزى ۋاقىتتا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن، بەزى ۋاقىتتا دائېش بىلەن ھەمكارلاشقان بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئارقا تىرەك بولۇش ھەرگىز توغرا ئەمەس. سىياسىي ھەل قىلىش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان، رايوننىڭ تارىخىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت دىنامىكلىرىنى يوق ھېسابلىغان تەدبىرلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتى يوق. ئۆزىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ ياشاش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلمىغان بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى ھەرگىزمۇ دېموكراتىك كۈچ بولالمايدۇ. <تېررورلۇق تەشكىلاتى> مۇشۇنداق بىر تەشكىلاتقا بېرىدىغان بىردىنبىر نام ھېسابلىنىدۇ.»

ئۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى قولچۇماقچىسى پ ي د، ي پ گ نى قوللىغان دۆلەتلەرگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

«پەقەت رايوندا يولغا قويغان سىياسەتلىرىگە خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈنلا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى قەتئىي مەيدانىنى نامايان قىلىشنىڭ ئورنىغا <قوراللىق كۈچ> دېگەندەك ناملار بىلەن ئاقلىغانلار، ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقنى ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى پات يېقىندا بىلىدۇ. تارىخ بىزگە بۇ خىل خاتالىقلارنىڭ كېينچە ئۆلۈم خاراكتېرلىك تەھدىت بولۇپ يانىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.»

رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېررورلۇق مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللانغان دۆلەتلەرنىڭ بارلىقىنى ۋە بۇ ئەھۋالدىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، تېخىچە «ياخشى تېررورىست، ئەسكى تېررورىست» دېگەن ئايرىمىچىلىقنى قىلىۋاتقانلارنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ ئامېرىكىنىڭ راققە ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدىمۇ توختالدى ۋە: «پ ي د، ي پ گ بىلەن ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتىۋاتىدۇ، خەيرىلىك بولسۇن. ئەمما، بىزنىڭ چېگرامىزغا خىلاپلىق قىلىدىغان ھەرىكەتلەر بولۇپ قالسا تېگشلىك جاۋاب قايتۇرىمىز. ھېچكىم بىزدىن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا سەۋرچان مۇئامىلە قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلالمايدۇ. جەنۇبتىكى چېگرا بويلىرىمىز بولسۇن، مەيلى ئىراقنىڭ شىمالىدا بولسۇن، تېررورلۇق كارىدورىنىڭ شەكىللىنىشىگە رۇخسەت قىلمايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر