تۈركىيە قاچقۇن فەتھۇللاھچىلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىشى ئۈچۈن مۆھلەت بەردى

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 130 كىشى «ۋەتەنگە قايتىش» قا چاقىرىلدى.

746054
تۈركىيە قاچقۇن فەتھۇللاھچىلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىشى ئۈچۈن مۆھلەت بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ياكى دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلۈۋاتقان  130 فەتھۇللاھچىنىڭ تۈركىيە قايتىشى تەلەپ قىلىنغان چاقىرىقرەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.

چاقىرىقتا كۆرسىتىلىشىچە، تىزىملىكتە ئىسمى بار قاچقۇنلار بۈگۈندىن باشلاپ 3 ئاي ئىچىدە تۈركىيەگە قايتىپ ئالاقىدار تارماقلارغا ئۆزلىرىنى مەلۇم قىلمىغان تەقدىردە، ئىچكى كابېنىت قارار ماقۇللاپ، تۈركىيە پۇقرالىقىدىن چىقىرىۋېتىدىكەن.

15 – ئىيۇل ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن باشلانغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئالاقىدار قانۇنىي تەكشۈرۈش دائىرىسىدە چەت ئەلدىكى بەزى گۇماندارلار ئۈستىدىن «دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە پۈتۈنلىكىگە زىيانكەشلىك قىلىش»، «ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش»، جۇمھۇر رەئىسكە سۇيىقەست قىلىش ۋە ئەمەلىي ھۇجۇم قىلىش»، «قانۇن چىقىرىش ئورگىنىغا قارشى جىنايەت سادىر قىلىش»، «ھۆكۈمەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش»، «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق ئىسيان كۆتۈرۈش"، «قوراللىق تەشكىلات قۇرۇش» ۋە «قورال بىلەن تەمىنلەش» قاتارلىق جىنايەتلەر بويىچە تەكشۈرۈش باشلىغانىدى.

تىزىملىكتە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتنىڭ كاتتىبېشى فەتھۇللاھ گۈلەندىن باشقا خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيە پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى فەيسال سارىيىلدىز ۋە تۇغبا ھەزەر بىلەن يەنە مەزكۇر پارتىيەنىڭ سابىق پارلامېنت ئەزاسى ئۆزدال ئۈچەرمۇ بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر