تۈركىيە 7 دۆلەتنىڭ قاتار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى توختىتىش قارارى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، 7 دۆلەتنىڭ قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈشى توغرىسىدا بايانات بەردى.

746098
تۈركىيە 7 دۆلەتنىڭ قاتار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى توختىتىش قارارى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گابرىئېل بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا يەتتە دۆلەتنىڭ قاتار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشى توغرىسىدا توختىلىپ، «مەۋجۇت مەسىلىلەرنى تىنچ ئۇسۇلدا ھەل قىلىش ئۈچۈن، ھەرقانداق ئەھۋالدا دىيالوگ داۋام قىلىشى لازىم» دېدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بەھرەين بۈگۈن ئەتىگەندە قاتار بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى توختىتىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى. قاتارنى «تېررورىزم» نى قوللاش بىلەن ئەيىبلىگەن سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن بەھرەيندىن كېيىن، مىسىر، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، يەمەن، لىۋىيە ۋە مولداۋىيەمۇ قاتار بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى توختاتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر