ئەردوغان: مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىدىكى خارلىقلار ئۆز دىنىغا لايىقىدا ئىگە بولالمىغانلىقىدىن كەلگەن

ئەردوغان مۇسۇلمانلارن ئىچكى توقۇنۇشلارغا پاتقان، تاشقى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇملىرى ۋە زۇلۇملىرىغا ئۇچراۋاتقان، ئېغىر يوقۇتۇش ئىچىدە قاتتىق ئازاب چېكىۋاتقان دەۋرلەردە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان سېغىنىشىنىڭ تېخىمۇ ئۆزگىچە مەنىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

745013
ئەردوغان: مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىدىكى خارلىقلار ئۆز دىنىغا لايىقىدا ئىگە بولالمىغانلىقىدىن كەلگەن

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇسۇلمانلارنىڭ خارلىقتىن قۇتۇلۇشىنىڭ، ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشىگە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تەسۋىرلەش مۇسابىقىسى خەلقئارا مۇكاپاتلاش مۇراسىمىدا  نۇتۇق سۆزلىدى.

ئەردوغان مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى توقۇنۇشلارغا پاتقان، تاشقى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇملىرىغا ۋە زۇلۇم – سىتەملىرىگە ئۇچراۋاتقان، ئېغىر يوقۇتۇشلارنى باشتىن كەچۇرىۋاتقان ياكى قاتتىق ئازاب چېكىۋاتقان دەۋرلەردە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا بولغان سېغىنىشىنىڭ تېخىمۇ ئۆزگىچە مەنىگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى بىلدۇردى. مۇسۇلمانلار دۇچ كەلگەن بارلىق قېيىنچىلىقلارنىڭ ئەسلىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ۋە ئۇ تەبلىغ قىلغان ئىسلام دىنىغا لايىقىدا ئىگە بولالمىغانلىقىدىن  كېلىپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسىنى ۋە ئۇنىڭ ھاياتىنى ياخشى چۈشۈنۈپ يېتىش لازىملىقىنى تەكىتلەپ، پەقەت ۋىدا خۇتبىسىدىكى تەۋسىيەلىرىگە بولسىمۇ ھەققىگە يارىشا ئەمەل قىلىشنىڭلا، مۇسۇلمانلارنى نىجاتلىققا يەتكۈزۈشكە يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى جىكىلىدى.

ئەردوغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى تەسۋىرلەشنىڭ ئۇنى سۆيۈش ۋە چۈشۈنۈش  پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى، ئەجدادلارنىڭ خەتتاتلىق ۋە تەسۋىرلەش سەنئەتلىرىدە بۇنىڭ ئىنتايىن گۈزەل ئۈلگىلىرى بارلىقىنى ئۇقتۇردى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇبارەك قامىتى، ئەخلاقى ۋە پوزىتسىيەلىرىنى چۈشەندۈرىدىغان تەسۋىرلەشلەرنىڭ بۇ مەدەنىيەت دىيارىمىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئەسەرلىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، مۇسابىقىدا دەرىجىگە ئېرىشكەن خەتتاتلارنى تەبرىكلىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركىيەدە خەتتاتلىق، تەسۋىرلەش، زىننەتلەش دېگەنگە ئوخشاش ھەممىسى بىردەك مەقسەتكە خىزمەت قىلىدىغان سەنئەتلەرگە قىزىقىشنىڭ ئېشىۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۇردى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر