ئەردوغان ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىس ئۈستىدىن ئەرز سۇندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۋىتتېردا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى نامىدا يازمىلارنى تارقاتقان ئىگىلىك تىكلەش ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى ئۈستىدىن ئەرز سۇندى.

744721
ئەردوغان ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىس ئۈستىدىن ئەرز سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۋىتتېر ئادرېسىدىن ئامېرىكا ئىگىلىك تىكلەش ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى مايكىل رۇبىن توغرىسىدا «جۇمھۇر رەئىسكە ھاقارەت قىلىش»، «تېررورلۇق تەشكىلاتى نامىدا جىنايەت ئۆتكۈزۈش» جىنايەتلىرى ئۈستىدىن ئەرز سۇندى.

جۇمھۇر رەئىسنىڭ ئادۋوكاتى ھۈسەيىن ئايدىن ئەنقەرە جۇمھۇرىيەت باش تەپتىش مەھكىمىسىگە توققۇز بەتلىك ئەرزنى تاپشۇردى.

ئەرزنامىدە، مايكىل رۇبىن ھەمبەھىرلىگەن ئەقىل ۋە لوگىكىغا ئۇيغۇن بولمىغان ئەيىبلەشلىرى ۋە ھاقارەت قىلىشنى مەزمۇن قىلغان يازمىلارنىڭ پەقەت جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغىلا ئەمەس، بەلكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە بولغان ئۆچمەنلىكنىڭ ئەكس ئېتىشى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئەرزنامىدە يەنە، مايكىل رۇبىن پات-پات تۈركچە يازمىلارنىمۇ ھەمبەھىرلەيدىغانلىقى ۋە تۋىتتېردا تارقاتقان تۈركچە ئۇچۇرلىرىنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى نامىدا تارقىتىلغانلىقى ۋە رۇبىننىڭ بۇ شەكىلدە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى نامىدا جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

رۇبىننىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 15-ئىيۇلدىكى مۇۋەپپەقىيەتسىز ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن يازغان يازمىلىرى جەمئىيەتنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر