تۈركىيە داي ۋېلت گېزىتىدىكى خەۋەرنى رەت قىلدى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى داي ۋېلت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان تۈركىيەنىڭ تەكلىپىنىڭ رەت قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

744514
تۈركىيە داي ۋېلت گېزىتىدىكى خەۋەرنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھۈسەيىن مۈفتۈئوغلۇ گېرمانىيەدە چىقىدىغان «داي ۋېلت گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان خەۋەرنىڭ دەل ئەكسىچە، تۈركىيەنىڭ ناتو ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش تەكلىپىنىڭ رەت قىلىنغان ئەھۋالنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

ھۈسەيىن مۈفتۈئوغلۇ باياناتىدا، داي ۋېلت گېزىتىدە ناتونىڭ 2016-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ۋارشاۋا ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بەرگەن تەكلىپىنى، گېرمانىيە، فىرانسىيە، گوللاندىيە ۋە دانىيە قاتارلىق نۇرغۇن ناتو دۆلەتلىرى تەرىپىدىن رەت قىلدى دەپ ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىدىن ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ناتو باش كاتىباتلىقى ئېلان قىلغاندەك، ئۆتكەن ھەپتە بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا 2018-يىلىمۇ بىر ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ قارار قىلىنغانلىقىنى، ئەمما قاچان ۋە قەيەردە ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى قارارنى ئالدىمىزدىكى ھەپتە چىقىرىشنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ بىريۇسسېلدىكى يىغىندا ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ناتو يىغىنلىرىدا شۇنداقلا ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بىلەن كۆرۈشكەندە، مەزكۇر مەسىلىنى تىلغا ئالغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ تۈركىيەنىڭ بىريۇسسېل يىغىنىدىن كېيىنكى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ بىرىگە ساھىبخانلىق قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«داي ۋېلت گېزىتىدىكى خەۋەرنىڭ دەل ئەكسىچە، بىر ناتو يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش تەكلىپى رەت قىلىنغان ئەھۋال يوق. بۇنىڭغا ئوخشاش ئاساسسىز خەۋەرلەر دۆلىتىمىز توغرىسىدا سەلبىي قاراش پەيدا قىلىش مەقسىتىگە مۇناسىۋەتلىك.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر