ئەردوغان تېلېفوندا تەزىيە بىلدۈردى

ئەردوغان سابىق گېرىتسىيە باش مىنىستىرى كونستانتىن مىچوتاكىسنىڭ ئائىلىسىگە تەزىيە تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

742091
ئەردوغان تېلېفوندا تەزىيە بىلدۈردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 98 يېشىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان سابىق گېرىتسىيە باش مىنىستىرى كونستانتىن مىچوتاكىسنىڭ ئائىلىسىگە تەزىيە تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىسلىك مەنبەرلىرىرىدىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، ئەردوغان سابىق گېرىتسىيە باش مىنىستىرىنىڭ قىزى قوشۇمچە سابىق گېرىتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دورا باكوياننىسقا تېلېفون قىلىپ، مىچوتاكىسنىڭ ۋاپات بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن پۈتۈن ئائىلىسىگە سەبىر - تاقەت تېلىگەن.

سابىق گېرىتسىيە باش مىنىستىرى كونستانتىن مىچوتاكىس مەلۇم مەزگىلگىچە تۈركىيەدە سۈرگۈندە ھايات كەچۈرگەن بولۇپ، ئۇ تۈنۈگۈن 98 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇ تەخمىنەن 50 يىلغىچە ئاكتىپ سىياسەت بىلەن شۇغۇللانغان ۋە 1990 – يىلىدىن 1993 – يىلىغىچە گىرېتسىيەنىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئىدى.

ئۇنىڭ باش مىنىستىرلىقى مەزگىلىدە ئورتاق پۇل بىرلىكى ياۋرونىڭ كېيىنچە ياۋروپادا ئەمەلگە ئېشىشىنىڭ يولىنى ئاچىدىغان ۋە كېيىنكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىرى دۆلەتلىرى ئۈچۈن ئىقتىسادىي ئۆلچەملەرنى بەلگىلەپ چىققان 1991 – يىللىق «Maastricht» كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان ئىدى.

مىچوتاكىس 1967 – يىلى ھەربىي ھاكىمىيەت تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولسىمۇ بىراق ئۇ غەلىبىلىك ھالدا قېچىپ چىقىپ تۈركىيەگە كەلگەن ئىدى. گىرېتسىيەلىك ئاتاقلىق سىياسەتچى تاكى مەملىكىتىگە قايتىشقىچە بولغان 7 يىلىنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزگەن ئىدى. 

مىچوتاكىسنىڭ قىزى دورا باكوياننىسمۇ 2006 – يىلىدىن 2009 – يىلىغىچە گىرېتسىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر