باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم گىرۇزىيەدە

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم گىرۇزىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.

737261
باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم گىرۇزىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم گىرۇزىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى ئېلىپ بارماقتا.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم تىفلىستا گىرۇزىيە باش مىنىستىرى گىئورگىي كىۋىرىكاشۋىلى تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق كۈتۈۋېلىندى.

بىنالى يىلدىرىم بىلەن كىۋىرىكاشۋىلى مۇراسىمدىن كېيىن ئايرىم كۆرۈشتى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم  ئارقىدىن تۈركىيە بىلەن گىرۇزىيە ئوتتۇرىسىدا چاقىرىلىدىغان 2-نۆۋەتلىك يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.

يىغىندا يېڭى ھەمكارلىق ساھەلىرى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم زىيارەت دائىرىسىدە گىرۇزىيە پىرېزىدېنتى گىئورگىي مارگۋېلاۋس بىلەنمۇ كۆرۈشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر