تۈركىيە شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە، كورېيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ 21 – مايدىكى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشىنى ئەيىبلىدى.

736740
تۈركىيە شىمالىي كورېيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارلىرىغا ئوچۇق – ئاشكارا خىلاپ ھالدا ئەمەلىيشتۈرگەن تۈنۈگۈنكى باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى كۈچلۈك شەكىلدە ئەيىبلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: « تۈركىيە، كورېيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چاقىرىقلىرى ۋە دىيالوگ پۇرسەتلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، بىر ھەپتە ئارىلىق قالدۇرۇپ ئىككىنچى قېتىم باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشى ئەندىشە پەيدا قىلماقتا ۋە رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى خەۋپكە ئىتتىرمەكتە. كورېيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىنى يەنە بىر قېتىم رايوندىكى تىنچ ۋە بىخەتەر مۇھىتقا زىيان يەتكۈزىدىغان قۇترىتىش ماھىيىتىدىكى ھەرىكەتلىرىگە خاتىمە بېرىشكە چاقىرىمىز» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر