ئەردوغان ياشلارنى تارىخىي يىلتىزىنى تونۇشقا چاقىردى

ئەردوغان ئۇنىۋېرسىتېت مائارىپ سىستېمىسىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز تارىخىي يىلتىزىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆز ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

735936
ئەردوغان ياشلارنى تارىخىي يىلتىزىنى تونۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تېررورچىلارنى مەدھىيەلەشنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان ئىستانبۇلدا ئىبنى خەلدۇن ئۇنىۋرېرسىتېتىنىڭ رەسمىي ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى نۇتۇقىدا، ئۇنىۋېرسىتېت مائارىپ سىستېمىسىدا ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز تارىخىي يىلتىزىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى، بۇنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆز ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئەردوغان، ئىبنى خەلدۇن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مائارىپ سىستېمىسى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆز تارىخىي يىلتىزى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ جانلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، يېڭى ۋەزىيەتلەرنىمۇ يېقىندىن تەقىپ قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان: «ئارخىپى ھەق ۋە ھۆررىيەتلەرنى قەتلىئام قىلىش بىلەن تولۇپ كەتكەنلەرنىڭ بىزگە دەرس ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇشى تولىمۇ كۈلكىلىك بىر ئىش» دېدى ۋە كۈرەشلىرىنىڭ ئەسلىدە ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرگە قارشى ئەمەس، بەلكى تېررورىزمغا ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا شۇنداقلا ھەر قايسى جىنايەت شايكىلىرىنى پىكىر ۋە سۆز بومبىلىرى بىلەن تەمىنلەۋاتقانلارغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

دۇنيانىڭ ھېچ بىر دۆلىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىشنىڭ پىكرى ئەركىنلىك دائىرىسىگە كىرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ھېچبىر مەدەنىي دۆلەت تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلارنى ماكان تۇتۇشىغا، ئۇنىۋېرسىتېتلارنى تېررورچى يېتىشتۈرۈش لاگېرىغا ئايلاندۇرۇۋېلىشىغا يول قويمايدۇ. قورال، مولوتوپ (بىنزېن قاچىلانغان شىشە) ۋە زورۋانلىق بىلەن ھەقنى قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. مانا يېقىندىلا فىرانسىيەنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى ئۆزىگە قارشى تارقىتىش بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن مۇخبىرنى قاماققا ئالدى. ئۇلارغا بۇنداق ئىشلار جائىز ئەمما بىزگە كەلگەندە جائىز ئەمەس، ناھەقچىلىك بولۇپ قالىدۇ. تېررورلۇق تەشكىلاتىغا مەدھىيە ئوقۇشنىڭ پىكىر ئەركىنىلىكى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقتۇر» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كەلگۈسىنىڭ يېڭى تۈركىيەسىنى ئۆز ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى يۇقىرى، ئۆز ئىقتىدارىنى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى تۇنۇيدىغان ياشلارنىڭ بەرپا قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر