تۈركىيە - ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئاقسارايدا يىغىن ئۆتكۈزدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ھەمراھ بولۇپ ئامېرىكىغا بارغان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق، ئامېرىكىلىق مەنسەپدېشى جېيمس ماتتىس بىلەن ئاقسارايدا ئايرىم يىغىن ئۆتكۈزدى.

733775
تۈركىيە - ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئاقسارايدا يىغىن ئۆتكۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ھەمراھ بولۇپ ئامېرىكىغا بارغان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق، ئامېرىكىلىق مەنسەپدېشى جېيمس ماتتىس بىلەن ئاقسارايدا پ ك ك / پ ي د ۋە دائېشقا قارشى كۈرەش مەسىلىلىرى بويىچە سۆزلەشتى.

فىكرى ئىشىق بىلەن جېيمس ماتتىس جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئاقسارايدىن ئايرىلىشىدىن كېيىنلا يەنە ئاقسارايدا كۆرۈشتى. ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى پېنتاگون، مىنىستىر ئىشىق بىلەن ماتتىسنىڭ PKK تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئالاقىدار ئەندىشىلەر توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى. پېنتاگون باياناتچىسى دانا ۋايت يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «مىنىستىرلار تۈركىيەدە پۇقرالارغا ۋە تۈركىيە ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىنمۇ <چەت ئەللىك تېررورلۇق تەشكىلاتى> دەپ قارىلىدىغان پ ك ك غا ئالاقىدار ئەندىشىلەر توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

دانا ۋايت باياناتىدا، «مىنىستىر (جېيمس ماتتىس) تۈركىيەنىڭ پ ك ك غا قارشى كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە پ ك ك غا قارشى كۈرەشتە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى تەكرارلىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

ئىككى مىنىستىرنىڭ سۈرىيە مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ سۆزلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، ئىككى دۆلەتنىڭ سۈرىيەدىكى ئىنسانىي كىرىزىس ۋە زوراۋانلىقنىڭ ئازايتىلىشىغا ئالاقىدار ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرى ئەسكەرتكەنلىكى قەيت قىلىندى. دانا ۋايت باياناتىدا يەنە، «مىنىستىر، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ مۇساپىرلار ۋە سۈرىيە مەنبەلىك ئىنسانىي مەسىلىلەر جەھەتتىكى مەردلىكىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئىككى رەھبەر ئىراق ۋە سۈرىيەدە مۇقىملىق ۋە تىنچلىق ئورنىتىشنى قوللايدىغانلىقلىرىنى تەكرارلىدى ۋە تۈركىيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى ساھەسىدە بىرلىكتە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن ئاجراتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر