ئەردوغان خىتايغا يېتىپ باردى

ئەردوغان 14 – مايدا خەلقئارا ھەمكارلىق بىر بەلباغ، بىر يول مۇنبىرى يىغىنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر دىيالوگ يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىگەندىن كېيىن، 15 – مايدا يۇمۇلاق ئۈستەل رەھبەرلەر يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ.

731443
ئەردوغان خىتايغا يېتىپ باردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خەلقئارا ھەمكارلىق بىر بەلباغ، بىر يول مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن خىتايغا يېتىپ باردى.

ئەردوغان خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئاخباراتقا يېپىق ھالدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ئۇچرىشىش تەخمىنەن بىر سائەت داۋاملاشتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتايدا 14 – مايدىن – 15 مايغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا ھەمكارلىق بىر بەلباغ، بىر يول مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرىشدۇ.

ئەردوغان 14 – مايدا خەلقئارا ھەمكارلىق بىر بەلباغ، بىر يول مۇنبىرى يىغىنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر دىيالوگ يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىگەندىن كېيىن، 15 – مايدا يۇمۇلاق ئۈستەل رەھبەرلەر يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ. مۇنبەر يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ھەر قايسى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدۇ.

«بىر بەلباغ، بىر يول؛ ئورتاق باياشاتلىق ئۈچۈن ھەمكارلىق» تېمىسى ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇنبەر يىغىنىدا، ئاساسىي قۇرۇلۇش، قاتناش، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق، سودا – سانائەت، سېلىنما، ئېنېرگىيە ۋە ئېنېرگىيە مەنبەلىرى، مالىيەدە قوللاش، خەلقئارا مۇناسىۋەت، مۇھىتنى ئاسراش، دېڭىز ئىشلىرى ھەمكارلىقى... قاتارلىق تېمىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

مۇنبەر يىغىنىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونى گاتتېرىس، دۇنيا بانكىسى باشلىقى كىم يوڭ جىم ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى باشلىقى چىرىستىن لاگاردتىن باشقا يەنە 28 دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە جەمئىي 250 كە يىقىن مىنىستىرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر