ئەردوغان خىتايدا ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا

ئەردوغان بېيجىڭدا گىرېتسىيە، پاكىستان قاتارلىق بىر قانچە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

731477
ئەردوغان خىتايدا ئۇچرىشىشلاردا بولماقتا

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خەلقئارا ھەمكارلىق بىر بەلباغ، بىر يول مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن خىتايغا يېتىپ باردى.

خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا دەسلەپتە  گىرېتسىيە باش مىنىستىرى ئالېكسىس چىپراسنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. ئاندىن پاكىستان باش مىنىستىرى ناۋاز شەرىف ۋە ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋىكتور ئورباننىڭ زىيارىتىنىمۇ قوبۇل قىلىپ، ئايرىم - ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.  

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتايدا 14 – مايدىن 15 – مايغىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا ھەمكارلىق بىر بەلباغ، بىر يول مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ۋە خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرىشدۇ.

ئەردوغان 14 – مايدا خەلقئارا ھەمكارلىق بىر بەلباغ، بىر يول مۇنبىرى يىغىنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر دىيالوگ يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىگەندىن كېيىن، 15 – مايدا يۇمۇلاق ئۈستەل رەھبەرلەر يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ. مۇنبەر يىغىنىغا قاتنىشىدىغان ھەر قايسى دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ بارىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر