مۇغلادا قەتلىئامغا ئوخشاش قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى

مۇغلادا بىر مىنىبوس تاغدىن دومۇلاپ چۈشۈپ، 23 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

731582
مۇغلادا قەتلىئامغا ئوخشاش قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋەقە مۇغلا - مارمارىس تېز سۈرئەتلىك قاتناش يولىدىكى ساكار ئۆتىڭىدە يۈز بەردى. يولۇچىلارنى ئېلىپ ماڭغان مىنىبۇس تۇرمۇزى تۇتماي، دۇمىلاپ كېتىپ تاغدىن غۇلاپ، تۆۋەندىكى يولغا چۈشتى.

بەزى يولۇچىلار مىنىبۇسنىڭ ئاستىدا قالدى. يارىدار بولغان كىشىلەر ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلاردا بالنېستقا ئېلىندى.

جىددىي داۋالاش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا، بىراق ئادەم ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر