ئايروپىلاندا تاختا كومپيۇتېر چەكلىمىسىگە قارشى ئەڭ ئەپلىك چارە
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئايروپىلاندا تاختا كومپيۇتېر چەكلىمىسىگە قارشى ئەڭ ئەپلىك چارىنى تاپتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئەنگلىيە ئايروپىلاندا ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى چەكلىدى، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىمۇ ئايروپىلانلاردا تاختا كومپيۇتېر ئىشلىتىشنى چەكلىدى.
ئەمما تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى يولۇچىنىڭ كۆڭۈللۈك ساياھەت قىلىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، يان كومپيۇتېر ۋە ھەقسىز ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، HAVELSAN بىلەن تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى تېخنىكىلىق مۇلازىمەت گۇرۇپپىسى يولۇچىلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش مەقسىتىدە ئايروپىلان ئىچىدە يولۇچىلارغا كۆڭۈل ئاچالايدىغان سىستېمىلارنىى ئورنىتىش ۋە ئەقلىي قابىلەتنى ئۆستۈرۈش مۇلازىمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەشكە باشلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەردوغان سېنېگالنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ماكى سال بىلەن كۆرۈشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سېنېگالنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى ماكى سال بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.