رۇسىيەدىن «S-400» لەرنى سېتىۋېلىش ئاخىرقى باسقۇچقا كەلگەن

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق رۇسىيە بىلەن داۋاملىشىۋاتقان «S-400» تىپلىق يىراق مۇساپىلىق مۇداپىئە قالقان سىستېمىسى مۇزاكىرەلىرىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

719348
رۇسىيەدىن «S-400» لەرنى سېتىۋېلىش ئاخىرقى باسقۇچقا كەلگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى فىكرى ئىشىق بىر خۇسۇسىي تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، سوئاللارغا جاۋاب بەردى. ئۇ «S-400» تىپلىق قالقان سىستېمىلىرىنى سېتىۋېلىشنىڭ ئاخىرقى قارارى ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ سوچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇچرىشىشىدىن بېشارەت بەردى. ئۇ ناتو (NATO) نىڭ پىرىنسىپلىرى ئۈستىدە توختالغاندا: «ناتوغا ماسلاشتۇرمىغان ئەھۋالدا ناتو دەيدىغان بىر نەرسە قالمايدۇ. ئەسلىدە ناتونىڭ سىستېمىسىغا ماسلاشتۇرغىلى بولىدىغان بىر قورال سېتىۋېلىشنى تولىمۇ خالايتتۇق، بىراق ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر سېتىپ بەرمىگەنلىكتىن ۋە بىزنىڭ جىددىي ئېھتىياجىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەلۋەتتە تۈركىيە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلىدۇ» دېدى.

فىكرى ئىشىق سۈرىيەنىڭ راققە شەھىرىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن تازىلاش ھەربىي ھەرىكىتى ئۈستىدىمۇ توختالدى. ئۇ: «ئامېرىكا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د دىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنسا، تۈركىيەنىڭ بۇ ھەربىي ھەرىكەتنى قوللىشى مۇمكىن ئەمەس» دېدى.

ئۇ پ ي د نىڭ ھاكىمىيەت قۇرۇشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكەتلىرىنىڭمۇ رايوندا ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان مۇقىمسىزلىقلارنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى تۈركىيە ئارمىيەسىدىن تازىلاش خىزمەتلىرى نەتىجىسىدە، تېررولۇق تەشكىلاتىنىڭ ئارمىيە ئىچىدە بېلىنىڭ سۇندۇرۇپ تاشلانغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئارمىيەدىن تازىلاش خىزمەتلىرىنىڭ ئىنتايىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر